باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيەسىدە 26-نويابىر ئۇدا ئۈچ قېتىم يەر تەۋرىدى، ئەڭ چوڭ تەۋرەش دەرىجىسى 5.5 بالغا يەتتى

2012.11.27 13:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا تورى خەۋىرى: 26- نويابىر، چاقىلىق ناھىيەسىدە ئۇدا 3 قېتىم يەر تەۋرىدى، سائەت 18:50مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى تۇنجى تۈركۈمدە چاقىلىققا يېتىپ باردى، قومۇل ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ يەر تەۋرەش رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى. ھازىرغىچە، ئاپەت رايونىدا ئادەم يارىلانغانلىق ۋە ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىك مەلۇماتى يوق.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 2012-يىلى 26-نويابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 13:33 مىنۇت ئۆتكەندە، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.4 گىرادوس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 90.5 گىرادوس) 5.5 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 8 كىلومېتىر، تەۋرەش ئارىلىقى لوپنور ناھىيەسى بىلەن 300 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سائەت 11 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە چاقىلىق ناھىيەسىدە 3 بال يەر تەۋىرىگەن، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 40.4 گىرادوس، شەرقىي مېرىدىئان 90.5 گىرادوسقا جايلاشقان، تەۋرەش بال سانى 3 بال بولغان. ئىككى مىنۇتتىن كېيىن يەنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11.28 ئۆتكەندە، چاقىلىق ناھىيەسىدە 3.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 40.4 گىرادوس، شەرقىي مېرىدىئان 90.3 گىرادۇس، تەۋرەش بال سانى 3.2 بال كېلىدۇ. (لى پىڭ، گو لىڭ خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە