- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى نودا يوشىخىكو كوچىدا نوتۇق سۆزلەۋېتىپ ماشىنىدىن يېقىلىپ كەتكىلى تاس قالدى
2012.11.27 15:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بەرگەن خەۋىرى: ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى نودا يوشىخىكو يېقىندا، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا سەييارە نوتۇق سۆزلەشنى باشلىۋەتتى. بىراق، 26- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئايچى ناھىيەسىنىڭ ئانجيۇ شەھىرىدە نوتۇق سۆزلەۋاتقاندا، تەشۋىقات ماشىنىسىدىن يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى. ياپونىيە ئاممىسى ئۇنىڭ 90 نەچچە قېتىملىق نوتۇق سۆزلەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان-بېرەلمەيدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ قالدى.
26-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، نودا يوشىخىكو شوتىغا يامىشىپ تەشۋىقات ماشىنىسىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاتقاندا، شوتا بالدىقىنى چىڭ تۇتالماي سىيرىلىپ چۈشكەن چۈشكەن، تەلىيىگە يارىشا، مۇھاپىزەتچىلىرى تۇتىۋالغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە