11-ئاينىڭ 26-كۈنى، شېنياڭ تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ تۆمۈريول خادىملىرى خاربىن-داليەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىغا سېلىنىدىغان پويىزنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى تەكشۈرمەكتە.
يېقىندا شېنياڭ تۆمۈريول ئىدارىسى پويىز خادىملىرىنى بىخەتەرلىك مەشغۇلاتى، مۇلازىمەت قائىدە-يۇسۇنى ۋە جىددىي ئەھۋالنى بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەپ، خاربىن-داليەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە پۇختا تەييارلىق قىلدى. شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كېسىپ ئۆتىدىغان، تىجارەتلىك مۇساپىسى 921 كىلومېتىرغا، لايىھەدىكى سائەتلىك تېزلىكى 350 كىلومېتىرغا يېتىدىغان خاربىن-داليەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا 12-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي قاتناش باشلىنىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ ۋېنكۈي فوتوسى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)