باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەززە ئۇرۇشى قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ؟ (1)

2012.11.28 08:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى قوراللىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان توقۇنۇشى سەككىز كۈن داۋاملىشىپ، يېقىندا بېسىقتى.

  تەھلىلچىلەر: بۇ توقۇنۇش پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ۋە پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىككى چوڭ مەزھەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە يەنىلا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى، دەپ قارىدى.

  ئىسرائىلىيە ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى

  گەرچە غەززە بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى توقۇنۇش بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالمىغان بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئىككىلا تەرەپ ئۆزلىرىنى بېسىۋېلىپ توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ساقلاندى. مەسىلەن: ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ راكېتاناميوتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئۈگىلىك ‹‹تۆمۈر گۈمبەز›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇش سىستېمىسى ئورناتتى، غەززە رايونىدىكى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) ئىسرائىلىيەگە راكېتاناميوت ئاتمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى، شۇنداقلا باشقا مەزھەپتىكىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق قىلىشىنى توستى. لېكىن، مۇشۇ ئاينىڭ 14–كۈنى، ئىككى تەرەپ تۇيۇقسىز قاتتىق تۇتۇشۇپ قالدى. كۆزەتكۈچىلەر: ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ بىر–بىرىنى ئەيىبلىشىدە ئۆزلىرىنىڭ پىلانى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

  ئوتتۇرا شەرقتىكى تاراتقۇلارنىڭ ئالاقىدار ئوبزورىدا: ئىسرائىلىيە بۇ قېتىم ‹‹مۇداپىئە تۈۋرۈكى›› ناملىق ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق، نۇرغۇن مەقسىتىگە يەتتى، دەپ كۆرسىتىلدى.

  بىرىنچىدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان خاماسنىڭ ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىدە خاماس باشقۇرۇۋاتقان غەززە رايونىدىكى 1500دىن كۆپ نىشانغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئۇل مۇئەسسەسە ۋە مەمۇرىي ئورگان بىنالىرىنى ۋەيران قىلىپلا قالماي، يەنە خاماسنىڭ قورال زاپىسىنى زور دەرىجىدە ئازايتتى.

  ئىككىنچىدىن، ئىسرائىلىيە بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئارقىلىق دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىسىنى، بولۇپمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكىسىنى نامايان قىلدى. بۇ خىل ئىلغار تېخنىكا خاماسنى چۆچۈتۈپلا قالماستىن، يەنە ئىسرائىلىيە بىلەن قارشىلىشىۋاتقان لىۋان ئاللا پارتىيەسى ۋە ئىرانغىمۇ ئوخشاشلا ئاگاھلاندۇرۇش بولدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى فىلېشنېر: ‹‹تۆمۈر گۈمبەز›› ناملىق سىستېما ئىسرائىلىيەنى مۇھىم ئەۋزەللىككە ئىگە قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئاللا پارتىيەسىنىڭ تەھدىتى ئەمدى ئازىيىدۇ، دېدى.

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ: ئەگەر كېلەر يىلى 22–يانۋاردىكى سايلامدا غەلىبە قىلسام، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا قەتئىي يول قويمايمەن، دېدى.

  ئۈچىنچىدىن، ‹‹مۇداپىئە تۈۋرۈكى›› ناملىق ھەرىكەتتە، نېتانىياخۇ تەڭسىز ھەربىي كۈچ ۋە روشەن ئوخشاش بولمىغان ئادەم ۋە مال–مۈلۈك زىيىنى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئەۋزەللىكى ۋە قاتتىق مەيدانىنى نامايان قىلدى، بۇ ئۇنىڭ سايلامدا تېخىمۇ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىشىگە پايدىلىق.

  خاماسنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە