باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى گىرېتسىيەنىڭ قەرزىنى ئازايتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

2012.11.28 08:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 25–نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى يېقىندا پارىژدا مەخپىي يىغىن ئېچىپ، 2015–يىلى گىرېتسىيەنىڭ قەرزىنى ئازايتىشنى مۇزاكىرە قىلغان.

  گېرمانىيەدە چىقىدىغان ‹‹يەكشەنبىلىك دۇنيا گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى گىرېتسىيەنىڭ پۇلنى قىسىش ۋە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، گىرېتسىيەنىڭ قەرزىنى ئازايتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

  گېرمانىيەدە چىقىدىغان ‹‹سۈزۈك ئەينەك›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ شۇ كۈنىدىكى خەۋىرىدە: ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى گىرېتسىيەنىڭ قەرزىنى ئازايتماي بولمايدۇ، دەپ قارالدى.

  ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى 26–نويابىر يەنە يىغىن ئېچىپ، گىرېتسىيەگە يەنە 30 مىليارد ياۋرودىن كۆپرەك قەرز بېرىش–بەرمەسلىكنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. مۇشۇ ئاي كىرگەندىن بۇيان، ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى گىرېتسىيەنىڭ قەرزى مەسىلىسى توغرىسىدا ئىككى قېتىم يىغىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن گېرىتسىيەگە يەنە قەرز بېرىش–بەرمەسلىك توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە