باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ياشانغاندا بېقىش سۇغۇرتىسىنى «ئۆزئارا باغلاشتۇرۇش» بىر چوڭ ئىلگىرىلەش

2012.11.28 15:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە تەڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۈچ خىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن شەھەر–بازار ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، شەھەر–بازار ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن، تۈزۈم ئاتلاپ ‹‹ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىپ باغلاشتۇرۇش›› ئېلىپ بېرىلىپ، كەڭ شەھەر–يېزا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئاممىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئادەم كۈچى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى ‹‹يېزا–بازارلار ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى باغلاشتۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى (پىكىرى ئېلىش لايىھەسى)››نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى كەڭ ئاممىنىڭ پىكرىنى ئالدى. يېزا–بازارلاردىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەر ياشانغاندا بېقىش سۇغۇرتىسى، شەھەر–بازار ئاھالىلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، يېڭىچە دېھقانلار ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىنى تۈزۈم ئاتلىتىپ، ‹‹ئۆزئارا ئېتراپ قىلىپ باغلاشتۇرۇش›› ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ خىل تۈزۈمدىكى يېڭىلىق يارىتىش ھەقىقەتەن ئىنتىزار بولۇشقا ئەرزىيىدۇ.

  خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ــ خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىر يېڭى يۈزلىنىش. بۇنىڭدا، ھەر قايسى ھالقىلارنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئەۋزەللەشتۈرۈش، كەڭ ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىش قاتارلىقلار سىياسەت خاراكتېرلىك تولۇقلىمىغا ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم. ئۆتمۈشتىكى ‹‹ئۆزئارا چاتىقى بولماسلىق››تىن ھازىرقى ‹‹ئۆزئارا ئېتراپ قىلىپ باغلاشتۇرۇش››قىچە بولغان مۇساپىنى ئاجايىپ ئىلگىرىلەش، دېيىشكە بولىدۇ.

  بىراق شۇنى جەزمەن كۆرۈش كېرەككى، نۆۋەتتىكى پىكىر ئېلىش لايىھەسىدە يەنىمۇ بەزى ئەلالاشتۇرۇش بوشلۇقى ساقلانغان. كۆپچىلىككە ئايانكى، نۆۋەتتىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەر سۇغۇرتىسى بىر تۇتاش سۇغۇرتا ۋە شەخسىي ھېسابات نومۇرىدىكى سۇغۇرتا دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلغان. ‹‹چارە››دە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: باغلاشتۇرۇپ ئالماشتۇرۇشتا شەخسىي ھېساباتتىكى بارلىق ئامانەت سوممىسىنى بىللە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. بىراق، ئادەم كۈچى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مىنىستىرلىقى ئالاھىدە قىلىپ مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: ئۈچ تۈرلۈك سۇغۇرتا تۈزۈمىدىكى پەرىق سەۋەبىدىن ئىشچى–خىزمەتچىلەر سۇغۇرتىسى يېڭىچە دېھقانلار ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى ياكى شەھەر–بازار ئاھالىلىرى سۇغۇرتىسىغا ئالماشتۇرۇشتا، ئىشچى–خىزمەتچىلەر سۇغۇرتىسى بىر تۇتاش فوندىنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ ئىشچى–خىزمەتچىلەر سۇغۇرتىسىنى يېڭىچە دېھقانلار ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىغا ياكى شەھەر–بازار ئاھالىلەر سۇغۇرتىسىغا ئالماشتۇرغاندا، ئورگاننىڭ بىر تۇتاش تاپشۇرغان قىسمىنىڭ پەقەت ‹‹جامائەت ئاشلىقى›› تاپشۇرۇلۇشىدىن دېرەك بېرەمدۇ–قانداق؟

  ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىرقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشتە رەسمىيەت بېجىرىش ئىنتايىن مۇرەككەپ. گەرچە پىكىرى ئېلىش لايىھەسى بولسىمۇ، قولايلىق بولۇش مەسىلىسىنى ئويلاشقان.

  مەسىلەن: ‹‹سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۆزى تەمىنات ئېلىش جايىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرگۈچى ئورۇنغا ياشانغاندا بېقىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى باغلاشتۇرۇش يازمىچە ئىلتىماسى بېرىشى كېرەك››، ئەمما بېكىتىش، بېجىرىش، ئاياقلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئاساسلىقى بېجىرگۈچى ئاپپارات ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدا يەنە ئۈچ ھالقىدىكى 15 خىزمەت كۈنىدىكى تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىراق، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تولا قاتراپ ھېرىپ قىلىشىمۇ نەزەرگە ئېلىنغان. ھازىر بەزى جايلاردىكى نۇرغۇنلىغان مۇلازىمەت كارخانىلىرىدا بىر بېكەتلىك ئىش بېجرىش ئاپپارتلىرى بار بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچى ‹‹يېشىل ئۆتەڭ››دىن بەھرىمەن بولالايدۇ. گەرچە ھازىر قولغا ئالغىنىمىز ئوخشاش بىر خىل كارتا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئوخشاشلا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ‹‹ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىپ باغلاشتۇرۇش›› بىر خىل ياخشى بولغان باشلىنىش، بىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ كەڭ ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاساس قىلىشقا تولۇق ھۆرمەت قىلىشىغا، مۇشۇنداق ئاممىغا ئېتىبار قىلىشتەك ئىشنى ياخشى بېجىرىشىگە ئىنتىزارمىز!

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە