باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى . تەسىرلىك 2012-يىل›› 4-پەسىللىك تور شەخسلىرىنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2012.11.28 16:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەشەببۇس قىلغان ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى . تەسىرلىك 2012-يىل›› 4-پەسىللىك تور شەخسلىرىنى باھالاش نەتىجىسى 26-نويابىر ئېلان قىلىندى. تورداشلار ئۆزلىرىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرگەن ‹‹قەھرىمان›› شەخسلەر ياكى كوللېكتىپتىن ئوننى باھالاپ چىقتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۈلگىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياخشى بالىسى، 1990-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان 17 ياشلىق مەردانجانمۇ ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىردى. مەردانجان سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خەتەرلىك دەرياغا سەكرىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز يېشىدىن ھالقىغان بۇ مەردانىلىقى ۋە جاسارىتى كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

  ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى . تەسىرلىك 2012-يىل›› باھالاش پائالىيىتىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيۇشتۇرغان، شىنخۇا تورى، مەركىزىي ئاخبارات تورى، ئاساسلىق سودا تور بېكەتلىرى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، داڭلىق يەرلىك تور بېكەتلەر، شەھەر گېزىتلىرى ۋە يانفون بىلەن قاتناشقىلى بولىدۇ. يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئەنئەنىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىرلىكتە باھالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، پەسىللىك باھالاش بىلەن يىللىق بالاھالاشنى بىرلەشتۈرۈلىدىكەن. يىللىق باھالاش توردا بېلەت تاشلاش ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ تەكشۈرۈش شەكلىنى بىرلەشتۈرۈپ، تورداشلارنىڭ ئىچىدىن تەسىر كۈچى زور، ئاساسلىق ئىش-ئىزلىرى مۇشۇ يىلدا بارلىققا كەلگەن ياكى بۇ يىل تورداشلارنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن تور شەخسلىرى باھالاپ چىقىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە