باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ‹‹قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى پاناھلاندۇرۇش مەركىزى›› قۇرۇلىدۇ

2012.11.28 15:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز باشقا ئۆلكىلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان قايتۇرۇپ كېلىنگەن تۇنجى سەرگەردان بالا ـ 10 ياشلىق ئەكبەر يۈسۈپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىكى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز مەبلەغ سېلىپ قۇرىدىغان نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش، پاناھلاندۇرۇش، تەربىيەلەش مەركىزى››دە بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئىش باشلاندى. بۇ مەركەزگە 500 نەپەر سەرگەردان بالا بىمالال سىغىدىغان بولۇپ، بۇ ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىقتىدارى ئەڭ مۇكەممەل بولغان ‹‹سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش، پاناھلاندۇرۇش ۋە تەربىيەلەش مەركىزى›› بولۇپ قالىدىكەن.

  بۇ پاناھلاندۇرۇش، تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 16 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 88 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 1-قارارلىق قۇرۇلۇشقا 50 مىليون مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، 2013-يىلى ئۆكتەبىردە پۈتۈشى مۆلچەرلەنگەن ؛ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشقا 38 مىليون مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، 2014-يىلى پۈتۈشى مۆلچەرلەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت 34 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شىنجاڭدا يېڭىدىن ‹‹قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش مەركىزى››دىن 15 نى قۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ بىلەن 1533 كارىۋات ئورنى كۆپىيىپ، قۇتقۇزۇش، قوغداش مەركەزلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىدە ياخشىلىنىش بولغان. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھەر قايسى دەرىجىلىك قۇتقۇزۇش، باشقۇرۇش پونكىتلىرى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش مەركەزلىرى قۇتقۇزىۋالغان قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالا 20 مىڭ(ئادەم/قېتىم)غا يېقىنلاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە