باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى: رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ش ئا ئە ت نىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدىن ئەنسىرىشى ھاجەتسىز، دېدى

2012.11.28 08:40        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئەنقەرە، 25–نويابىر تېلېگراممىسى. تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلۇ 25– نويابىر تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ش ئا ئە ت نىڭ تۈركىيەنىڭ سۇرىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان جەنۇبىي قىسمىغا ‹‹ۋەتەنپەرۋەر›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇرۇنلاشتۇرۇشىنىڭ سۇرىيە ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

  داۋۇت ئوغلۇ مۇنداق دېدى: بۇنداق ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش پەقەت مۇداپىئەنى مەقسەت قىلغان. بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت پەيدا قىلمىسىلا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەگەر زەررىچە خەتەر كۆرۈلىدىكەن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر قوللىنىش مەسئۇلىيىتى بار. تۈركىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى خەتەرلىك ئەھۋاللار پەسەيسىلا، ‹‹ۋەتەنپەرۋەر›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈركىيەدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، دېدى.

  ش ئا ئە ت باش كاتىپى راسموسېن 21–نويابىر: تۈركىيە ش ئا ئە ت دىن سۇرىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان چېگرا رايونىغا ‹‹ۋەتەنپەرۋەر›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەسمىي تەلەپ قىلىدۇ، ش ئا ئە ت تۈركىيەنىڭ ئىلتىماسىنى دەرھال مۇزاكىرە قىلىدۇ، دېدى. يېقىندىن بۇيان، تۈركىيە بىلەن سۇرىيە چېگرالىنىدىغان رايوننىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى. تۈركىيە سۇرىيە زېمىنىدىكى مىناميوت بىلەن توپقا تۇتقانلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، سۇرىيە زېمىنىدىكى نىشانلارنى كۆپ قېتىم توپقا تۇتتى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە