باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاناما ئۈچ جاينىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى

2012.11.28 08:43        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاناما زۇڭتۇڭى رىكاردو مارتىنېل 25–نويابىر پانامانىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان كولون ئۆلكىسى بىلەن پايتەخت پاناما شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى رايونلاردا كۆرۈلگەن كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۈچ رايوننىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىرگە قارىغاندا، پانامانىڭ غەربىي شىمال رايونلىرىدا يېقىندا قارا يامغۇر ياغقان، پاناما شەھىرىنىڭ غەربىگە 50 كىلومېتىر كېلىدىغان كاپىلا رايونىدا ئىككى كىشى قارا يامغۇر پەيدا قىلغان لاي–لاتقىلىق ئېقىندا قازا قىلغان، نەچچە يۈز ئائىلە زىيانغا ئۇچرىغان، بىر قىسىم رايونلاردا يول ۋە كۆۋرۈكلەر بۇزۇلۇپ كەتكەن، بىر قىسىم رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

  پاناما دۆلەتلىك ئاخبارات كاتىبات باشقارمىسى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا: بۇ رايونلارنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلاشتىكى مەقسەت ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە تېزرەك ياردەم بېرىش ھەم بۇزۇلغان يول ۋە كۆۋرۈكلەرنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر، دېيىلدى. رىكاردو مارتىنېل 25–نويابىر ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئىچكى كابىنېت يىغىنى ئېچىپ ئاپەت ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىدىغانلىقىنى ھەم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پىلانىنى ۋاقتىدا تۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە