باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تورونتو شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

2012.11.29 15:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تورونتو، 26–نويابىر تېلېگراممىسى. كانادا ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ ئالىي سوتىنىڭ سودىيەسى 26–نويابىر كېسىم چىقىرىپ، تورونتو شەھىرىنىڭ باشلىقى روبېرت فورتنىڭ شەھەر مەنپەئەت توقۇنۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ھەم ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  ئونتارىئو ئۆلكىسى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى چارلىز خاكلۇند ھۆكۈمنامىسىدە مۇنداق دېدى: فورت شەھەر پارلامېنتىنىڭ ئۆزىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغىنى زەيتۇن توپ خەير–ساخاۋەت فوندىغا ئىئانە قىلغانلىقى سەۋەبلىك جەرىمانە تۆلىشى توغرىسىدا چىقارغان قارارىغا ئىنكاس قايتۇردى ھەم بۇ ئىشىنى پارلامېنتتا ئاۋازغا قويدى، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى شەھەر مەنپەئەت توقۇنۇش قانۇنىغا خىلاپ.

  بۇ كېسىم 14 كۈندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە فورت ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قالسا ھەم نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، ئەرز سۇنۇش ئىشلىرىنى تاماملاشتىن بۇرۇن كېسىمنى ئىجرا قىلىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

  مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە