باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە، تېلىفون يىغىنى ئېچىلدى

2012.11.28 16:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنسىتىرلىقى تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە، تېلىفون يىغىنى ئېچىپ، مۇشۇ يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى ئۇرۇنلاشتۇردى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ خۇەننىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، مۇشۇ يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە كېلەر يىلىنىڭ بېشىدىكى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ياڭ خۇەننىڭ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن زىددىيەت، ماجرالارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ۋە نۇقتىلىق ئەرزىيەت دىلولىرىنى مەخسۇس بىر تەرەپ خىزمىتىنى پائال چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زور ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئىدىيىسى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش يېڭى تەجرىبىلىرىنى پائال يارىتىشى كېرەك. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك ئامانلىقنى ساقلاشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، خىزمەت داۋامىدا ساقلىنىۋاتقان ئاجىز ھالقىلارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، زەربە بېرىش، تۈزەش ھەركىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتە ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، كونتىرول قىلىش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش، كونتىرول قىلىشنى چىڭتىپ، ئومۇمىيۈزلۈك جەمئىيەت ئامانلىقى ئالدىنى ئېلىش، كونتىرول قىلىش سېستىمىسىنى ھەقىقىي تۈردە شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە