باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بورتالا ئوبلاستىدا 3-نۆۋەتلىك موڭغۇللارنىڭ كىيىم-كېچەل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2012.11.29 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يايلاق مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قېزىپ چىقىش ۋە جارى قىلدۇرۇش، موڭغۇللارنىڭ قۇيۇق كىيىم –كېچەك مەدەنىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىش، موڭغۇل كىيىم-كېچەكلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ساياھەت مەدەنىيەت مەزمۇنىنى بېيىتىش ئۈچۈن، بورتالا ئوبلاستى 7-ئۆكتەبىر «بورتالا ئوبلاستى 3-نۆۋەتلىك موڭغۇل كىيىم-كېچەكلىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى. مۇسابىقىدە موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى، زامانىۋى كىيمىنى لايىھەلەش، موڭغۇللارنىڭ ساھە كىيمىنى لايىھەلەش، موڭغۇل كىيىمى مودېللىرىنىڭ نومۇر كۆرسىتىشى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدىكەن.

  2009-يىلى ، بورتالا ئوبلاستى تۇنجى نۆۋەتلىك موڭغۇل كىيىم-كېچەكلىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، پۈتۈن ئوبلاستتىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەدىھىيلىشىگە سازاۋەر بولغان، بورتالا ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى ھەر خىل مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، بورتالانىڭ داڭقىنى، تەسىر كۈچىنى زورايتىپ، بورتالا ئوبلاستى ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە