باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«خەلقنى مەركەز قىلىش» ‐‐ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك بۇرچىدۇر

2012.11.28 16:32        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 7-قۇرۇلتىيى 27-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقنى مەركەز قىلىشنى ئىجادىيەتكە يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ‐‐ «ئەدەبىيات-سەنئەت خەلق ئۈچۈن ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» يۆنىلىشى ۋە «ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش» فاڭجېنىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى.خەلق ئاممىسى ‐‐ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ باش قەھرىمانى ۋە قوبۇل قىلغۇچىسى، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئاقارتىش ئوبيېكتى ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى. ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر دەۋر ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئېنىق تونۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆككەندىلا، تارىخقا، دەۋرگە، خەلققە يۈز كېلەلىگۈدەك نادىر ئەسەرلەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ يارىتالايدۇ.جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە