باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 39–قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى

2012.11.28 16:05        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى›› نى يولغا قويۇش چارىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 27–نويابىر چۈشتىن بۇرۇن 39–قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بو شياۋنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى لايىھەسىگە قاراپ چىققانلىق نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇرازاق تۆمۈر ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى (تۈزىتىلگەن لايىھە)نى قاراپ چىققانلىق نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نەيىم ياسىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى سوت قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ھەق تەلەپ، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى غەيرەت ھەسەن ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن دۇ چىنرۈي، لى جى، مۇھەممەدئىمىن ياسىن، ما مىڭچېڭ، مەۋكەن سېيتقامزا، مۇتەللىپ قاسىم يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق قىسمەن ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ھەر قايسى خىزمەت تارماقلىرى، ھەر قايسى ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە