- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قالايمىقان جەرىمانە قويۇش قىلمىشى بىر تەرەپ قىلىندى
2012.11.28 16:28
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 27-چېسلا چۈشتىن كېيىن، خېنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ئۆلكە بويىچە ج خ ئورگانلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، خوجيا ناھىيەسىدىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قالايمىقان جەرىمانە قويۇش مەسىلىسىگە چېتىشلىق مەسئۇل خادىملارنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، خېنەن ئۆلكىسىدىكى قاتناش ساقچى سىستېمىسىنىڭ ۋەزىپە ئادا قىلىش-قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئائىت ئالتە تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاتناش ساقچى سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سالدى.
پاش قىلغۇچى ۋاڭ جىنۋۇ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى خېنەن ئۆلكىسى شىنشياڭ شەھىرى خوجيا ناھىيەسىدىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قالايمىقان جەرىمانە قويۇش قىلمىشىغا ئائىت 7 مىنۇتلۇق سىن ھۆججىتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە سىنغا ئېلىۋالغان 54 پارچە سىن ھۆججىتى (جەمئىي 334 مىنۇت)، 74 جەرىمانە تالونى، شوپۇرلارنىڭ نەچچە يۈز پارچە گۇۋاھلىق سۆزىنى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىدى، پاكىتلار تولۇق، قىلمىشلار قەبىھ بولغاچقا، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.
27-چېسلا چۈشتىن كېيىن، خېنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ئېلان قىلغان بىرتەرەپ قىلىش نەتىجىسىدە مۇنداق دېيىلدى: خوجيا ناھىيەسىدىكى 9 مەسئۇل خادىمغا جازا بېرىش ئاساسىدا، يەنە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بولغان شىنشياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ گوفاڭ، خوجيا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بەي يۇڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە