27-نويابىر، كورېيەنىڭ سېئول شەھىرىدە، دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى مۇن جەئىن (ئوتتۇرىدا) سايلامدا ئۈستۈنلۈك قازىنىشقا كىرىشتى. شۇ كۈنى، كورېيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىپ، يېڭى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى با گۇنخې بىلەن دېموكراىك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى مۇن جەئىن قاتارلىقلار پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بېلەت توپلاش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى. كورېيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (پۇ جېنشى فوتوسى)(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى