باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2012.11.29 15:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېشېڭ 28-نويابىر پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى . ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى : پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پۈتۈن پارتىيە ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى بىرلىكسەپتىكى مۇھىم سىياسي ۋەزىپە . بىز پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنىڭ ماھىيىتى ، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشىمىز ، قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى سىياسىي تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ، تەرەققىيات پىكىر يولىنى پىلانلاش ، مەسئۇلىيەت ، مەجبۇرىيەتن ئادا قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز لازىم . بىرلىكسەپتىكى كەڭ ئەزالارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى 18-قۇرۇلتاينىڭ روھى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى 18-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماكرولۇق نىشان ۋە تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئاساسىدا مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ، بىرلىكسەپ ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز لازىم .

  سۆھبەت يىغىنىدا ، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جوۋ تيېنوڭ ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ شۇشېڭ ، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن چاڭجى ، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەن جۈنچى ، دېھقان-ئىشچىلار پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ساڭ گوۋېي ، جۇڭگو ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىنمىن ، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەن چىدې ، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىن ۋېنيى ، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خۇاڭ زىفۇ ، پارتىيە-گۇرۇھسىز زات لىن يىفۇ قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پىكىر بايان قىلدى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە