باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېدۋېدېۋ: ياۋرو رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقنى بالدۇرراق يېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

2012.11.29 16:31        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ باش مىنىستىرى مېدۋېدېۋ تۈنۈگۈن پارىژدا فىرانسىيەنىڭ باش مىنىستىرى ئەيرو بىلەن سۆھبەتلەشتى، ھەمدە پىرېزىدېنتە مەھكىمىسىدە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى بىلەن كۆرۈشۈپ ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  مېدۋېدېۋ مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ياۋرو رايونىنىڭ ھازىرقى كىرىزىستىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، رۇسىيەنىڭ تەخمىنەن %40 تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ياۋرو، نۆۋەتتە بۇ نىسبەتنى ئۆزگەرتىش مەقسىتى يوق، چۈنكى رۇسىيە ياۋرو رايونى ھازىر قىيىنچىلىققا يولۇققان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە ئەھۋال ياخشىلىنىدۇ دەپ قارايدۇ.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، مەن ياۋرو رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقنى بالدۇرراق يېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە