باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەنيىنىڭ ئوباما ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىگە بۈگۈن ئامېرىكىدا سوت ئېچىلدى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى: سەنيى چوقۇم ئۇتتۇرىدۇ

2012.11.29 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكا فېدىراتسىيە سوتىنىڭ كولومبىيە ئالاھىدە رايونلۇق شۆبە مەھكىمىسى سەنيى گۇرۇھىنىڭ چېتىلما شىركىتى بولغان راللس (Ralls) شىركىتىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى (CFIUS) ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزى ئۈستىدە تۇنجى سوت ئاچىدۇ.

  سەنيى گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋۇ جيالياڭ 28-چېسلا «كۈنلۈك ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار ئادۋۇكات ئۆمەكىلىرى بىلەن بىللە سوتقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  جۇڭگونىڭ دۆلەت ھالقىغان دەۋا مۇتەخەسسىسى خاۋ جۈنبو ««كۈنلۈك ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: تۇنجى سوتتا ئاساسلىقى بۇ دېلودا سوتقا سونۇلغان ئەرز ئامېرىكا سوتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى تەۋەلىكى ئىچىدە بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ، دېلو ئۈستىدە سوت ئېچىلمايدۇ. بۇ مۇشۇ دېلونى ئامېرىكا ئەدلىيە تەرتىپىگە ئەكرىشتىكى بىرىنچى قەدەم بولۇپ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ دېلو ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى (CFIUS) قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تەكشۈرۈلگۈچى تەرەپنىڭ ئامېرىكا سوتىغا ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان سۇنغان تۇنجى ئەرزى، شۇنداقلا جۇڭگو كارخانىسىنىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشتا ئادىل بولمىغان كېسىمگە ئۇچرىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە CFIUS ئۈستىدىن سوتقا سۇنغان تۇنجى ئەرزى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ دېلونىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ئادۋوكاتلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: تارىختا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ دەۋادا يېڭىپ چىقىشنىڭ ھەقىقەتەن مۇئەييەن قىيىنلىق دەرىجىسى بار. خاۋ جۈنبو مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار باياناتچىسى سەنيى گۇرۇھى چوقۇم دەۋادا مەغلۇپ بولىدۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى CFIUS نىڭ ئۆزىدە، زۇڭتۇڭنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي بۇيرۇقى ئاساسىي قانۇننىڭ ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشىگە ئۇچرىمايدۇ دېگەن بەلگىلىمىسى بار.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە