باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى بۇ يىللىق ئەڭ چوڭ قان سېتىشقا قانۇنسىز ئۇيۇشتۇرۇش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2012.11.29 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نۇيابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى : 12 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇھ 2011-يىلىدىن باشلاپ ئىش تەقىسىماتى قىلىپ ھەمكارلىشىپ، ئۇزاق مۇددەت بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىدا باشقىلارنى قان سېتىشقا قانۇنسىز ئويۇشتۇرغان. 28-نۇيابىر چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بيېجىڭدىكى بۇ يىللىق ئەڭ چوڭ قان سېتىشقا قانۇنسىز ئۇيۇشتۇرۇش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، بۇ گۇرۇھنىڭ باشلىقى ۋاڭ خەيتاۋغا ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2000 يۈەن جەرمانە قويۇلدى. گۇرۇھنىڭ باشقا ئەزالىرى بىر يىل سەككىز ئايدىن بىر يىل ئالتە ئايغىچە بولغان ئوخشىمىغان مۇددەتلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. (تۇ مىڭ خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە