باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پارتىيەلىك كادىرلاردىن يولداش لوياڭنىڭ قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلدى

2012.11.28 16:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: 25-نويابىر قىرغۇچى 15 بەلگىلىك ئاۋىياماتكىغا قونىدىغان ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ ياساش نەق مەيدانىنىڭ باش قوماندانى لو ياڭ داليەندە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ۋاپات بولدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 26-نويابىر مۇھىم تەستىق سالدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش لو ياڭنىڭ بەختكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە قازا قىلغانلىقىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئۇنىڭ ئائىلە تاباۋاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، يولداش لو ياڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىدا دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپات بولۇشى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش، بىز يولداش لو ياڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ناھايىتى ياخشى يەكۈنلىشىمىز ۋە تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يولداش لو ياڭنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى ۋە قىممەتلىك روھىنى ئۆگىنىشى كېرەك. شى جىنپىڭ يەنە ئالاقىدار تەرەپلەردىن يولداش لو ياڭنىڭ ئائىلىسىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسىنىڭ روھى بويىچە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى لو ياڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى لو ياڭنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى ۋە قىممەتلىك روھىنى ئۆگىنىشكە چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئاساسلىق تاراتقۇلاردىن لو ياڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى دەرھال زىيارەت ۋە تەشۋىق قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى لو ياڭدىن ئۆگىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈلگىلىك كۈچ بولۇشقا چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى لو ياڭغا ئاۋىياتسىيە ئارقىلىق دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش قەھرىمانى دەپ نام بېرىش شۇنداقلا پۈتكۈل گۇرۇھتا لو ياڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بىرىنچى بولۇپ لو ياڭنىڭ ئائىلە تاباۋاتلىرىغا شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسىنى ۋە سالىمىنى يەتكۈزدى. جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى ھەمدە ئۇنىڭغا قاراشلىق شېنياڭ ئايروپىلان سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى بارلىق كادىرلار ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر ھەر خىل شەكىللەر بىلەن لو ياڭغا بولغان ھۆرمىتى ۋە تەزىيەسىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا لو ياڭنى ئۈلگە قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  لو ياڭ قىرغۇچى 15 بەلگىلىك ئاۋىياماتكىغا قونىدىغان ئايروپىلاننى ياساش نەق مەيدانىنىڭ باش قوماندانى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە شېنياڭ ئايروپىلان سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتورى، ئۇ ۋەتەننىڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىغان 30 يىلدىن بۇيان، ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىدا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى بىلەن ئۆز كەسپىنى قەدىرلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئۇزاق يىل نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىپ، قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرىنى نۇرغۇن نۇقتىلىق تىپلاردىكى تەتقىقاتنى ئورۇنلاشقا يېتەكلەپ، ھەتتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىمۇ ئېلىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە