باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى (1)

2012.11.29 15:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››ىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

  بىرىنچى، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاي يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيە 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋەكالىتەن بەرگەن ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئېغىشماي ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى›› دېگەن دوكلاتىنى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلىدى. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىنىڭ <تۈزىتىلمىسى>گە قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى. بۇ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرىدىغان قۇرۇلتاي، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان قۇرۇلتاي، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ ئىلگىرىلەيدىغان قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيە، ئارمىيە، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرىدۇ، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركىسزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېتەكچى قىلىنىپ، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى تەھلىل قىلىنغان، ئۆتكەن بەش يىلدىكى خىزمەت ۋە پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى كۈرەش مۇساپىسى، شۇنداقلا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلگەن ۋە يەكۈنلەنگەن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تارىخىي ئورنى بېكىتىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساسىي تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانى بېكىتىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نىشانى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل–پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى، ماركىسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىنىڭ <تۈزىتلمىسى> پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئەمەلىي تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ پارتىيەمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى سۈپىتىدە پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلۈشى تارىخىي ئېقىمنى ئىگىلەپ، پارتىيە قەلبىگە، خەلق قەلبىگە مايىللىشىپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇستەھكەم رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا باشتىن–ئاخىر كاپالەتلىك قىلىشتا ناھايىتى زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە