باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەرىجىسى %67.3 گە يەتتى

2012.11.29 16:06        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: شىنجاڭنىڭ «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىستاتىستىكىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»دىن مەلۇم بولىشىچە، ئۆتكەن يىلى شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەرىجىسى %67،3 بولۇپ، 2010-يىلدىكىدىن 4.9 پوئىنت، 2000-يىلدىكىدىن 22 پوئىنت يۇقىرى بولغان، بۇ 2000-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئېشىش.

  «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىستاتىستىكىسىنى تەكشۈرۈش لايىھەسى»نى دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بېسىپ تارقاتقان، كۆرسەتكۈچنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت ئىناقلىقى، تۇرمۇش سۈپىتى، دېموكراتىك قانۇنچىلىق، مەدەنىيەت، مائارىپ، بايلىق مۇھىت قاتارلىق 6 جەھەتتىكى كۆرسەتكۈچتىن تەركىب تاپقان، ئەڭ ئاخىرى ھېسابلاپ چىقىلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئىشقا ئېشىش دەرىجىسى بىر خىل ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچ بولۇپ، %60 لىك ئىشقا ئېشىش دەرىجىسى ئومۇمىي جەھەتتىكى ھاللىق سەۋىيە، %100 لىك ئىشقا ئېشىش دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە قىلىندى.

  ھېسابلىنىشىچە، 2011-يىلى شىنجاڭدىكى 6 چوڭ تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىدە ھاللىق سەۋىيەنىڭ ئىشقا ئېشىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاشقان، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولغان، ئىشقا ئېشىش دەرىجىسىدىن قارىغاندا بەش تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ %60 دىن يۇقىرى بولغان. 2000-يىلدىن 2011-يىلىغىچە بولغان ئېشىش دەرىجىسىدىن قارىغاندا 6 چوڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ، ئۇنىڭدىن قالسا دېموكراتىك قانۇنچىلىق، تۇرمۇش سەۋىيەسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، بايلىق مۇھىت، مەدەنىيەت ،مائارىپ بولغان.

  23 تاق تۈرنى تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا ئىشقا ئېشىش دەرىجىسى %100 گە يەتكەنلەر ئىشسىزلىق نىسبىتى، ئېنگېر كوئېففېتسېنتى، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى كۆرسەتكۈچى قاتارلىق 3 كۆرسەتكۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، %80 دىن %99.9 گىچە بولغانلىرى جىنى كوئېففېتسېنتى، شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم نىسبىتى قاتارلىق 7 كۆرسەتكۈچنى، %60 دىن %80 گىچە بولغانلىرى ئۈچىنچى كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى، شەھەر-بازار نوپۇسى سالمىقى قاتارلىق 5 كۆرسەتكۈچنى ، %60 دىن تۆۋەنلىرى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى قاتارلىق 8 كۆرسەتكۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە