باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» كەيپىياتىنى كۆتۈردى

2012.11.29 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىللىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش-پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىندىن بۇيان ج ك پ نىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ياڭراتقان «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» سادالىرى سۆز ئورانىنىڭ كەسكىنلىكى جەھەتتىن كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ يوقىرى قاتلىمىدىكىلەر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قاتتىق تەكىتلەۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، كۆپلىگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ «چىرىكلىكنى تۈگىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش» ئۆرنەكلىرىنى يارىتىپ، يوقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى.

  11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ باش شۇجىلىققا سايلانغاندىن كېيىنكى جامائەتچىلىك بىلەن تۇنجى يۈز كۆرۈشۈشىدىلا «ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئىرادىمىز چىڭ بولۇشى كېرەك» دەپ ئۆزىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قەتىئىي نىيىتىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، شى جىنپىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، «نەرسىنىڭ بۇزۇلۇشى ئىچىدىن باشلىنىدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئەمەلدارلارنى ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە «چىرىكلىك مەسىلىسى ئېغىرلىشىۋەرسە مۇقەررەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بېشىغا چىقىدۇ» دەپ تەكىتلىگەنىدى. ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇرانى كەسكىن بولغان «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» سۆزلىرى دەرھال كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمىنىڭ ئورگان كادىرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي يىغىنىدىمۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئۇ «قەتىئىي ئىرادىگە كېلىپ ئىستىل ۋە كەيپىياتنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارسىزلىق، ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق، بەتخەجلىككە ئوخشاش ناچار خاھىشلارنى تىرىشىپ تۈگىتىش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىللارنى ئەستايىدىل تۈزىتىش»نى تەلەپ قىلدى.مەركىزىي كومىتېت يوقىرى قاتلىمىدىكىلەر «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چاقىرىقى»نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا يەنە ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇشقا ئەھمىيەت بەردى. 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى جاڭ گاۋلى تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا، كىمىكى توغقاندارچىلىق، بۇرادەرلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئىش بېجىرىپ بېرىڭ دەپ كېلىدىكەن، قەتئىي كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى، يۈز قارىمايدىغانلىقىنى، شۇ ئىشنى بېجىرىشكە قەتىئىي رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىكىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خەن جېڭ، سۈن چۈنلەن، سۈن جېڭسەي، ۋاڭ دۇڭمىڭ قاتارلىقلارمۇ 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، نەچچە كۈندىن بۇيان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش-پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش سادالىرىنى ياڭرىتىپ كەلمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە