باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئارگېنتىنا ۋە پېرۇ پىرېزىدېنتى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى

2012.11.29 16:30        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى كىرىستىنا 27-نويابىر بۇئېنوس ئايرېستا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن پېرۇ پىرېزىدېنتى ۋۇمارا بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك قارالمىلار ئۈستىدە كېڭەشتى ھەمدە ئالتە تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ مائارىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار مۇكاپات پۇلى بېرىدىغان ئادەم سانىنى كۆپەيتىش؛ زەھەرگە قارشى تۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زەھەر چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش پائالىيەتلىرىگە بىرلىكتە قاتنىشىش؛ تېخنىكا تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە خادىملارنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش سەھنىسى قۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ بانكا، سۇغۇرتا نازارەتچىلىك جەمئىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە