باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

شىنجاڭ قورامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرىدۇ

2012.11.29 16:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى«ئاپتونوم رايوندىكى قورامىغا يەتمىگەن سەرگەردان باللارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش، ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش مەركىزى»دە بۇ يىل قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ مەركەز قۇرۇلغاندىن كېيىن 500 كارىۋات سەپلىنىدۇ، بۇ مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىقتىدارى ئەڭ تولۇق بولغان، سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش، ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش مەركىزى بولىدۇ.

  ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ كۆلىمى 160 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، جەمئىي 88 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشقا 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، كېلەر يىلى 10-ئايدا قۇرۇلۇش تاماملىنىشى مۇمكىن، ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشقا 38 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 2014-يىلى تاماملىنىشى مۇمكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت جەمئىي 34 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭدا قورامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش مەركىزىدىن يەنە 15 نى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، 1533 كارىۋات كۆپەيتىلدى، قۇتقۇزۇش، قوغداش ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلاندى، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك قۇتقۇزۇش باشقۇرۇش پونكىتلىرى ۋە قورامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش مەركىزىدە قۇتقۇزۇلغان قورامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلار 20 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە