باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىن ‹‹2012–يىلى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەر›› باھالىشىغا قاتنىشىدىغان ئون نامزاتنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىندى(1)

2012.11.30 14:18        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ شەھەر گېزىتى ۋە تەڭرىتاغ تورىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، شىنجاڭدىن ‹‹2012 – يىلى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەر›› باھالىشىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلارغا توردا ئاۋاز بېرىش 25 – نويابىر ئاياغلاشتى، بىر ئايغا يېقىن داۋاملاشقان توردا ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىدە، تورداشلار شىنجاڭ رايونىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن 25 نامزاتقا 2 مىليون 400 مىڭ 295 ئاۋاز بەردى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئون كىشى شىنجاڭ رايونىنىڭ نامزاتىغا تاللاندى.

  شىنجاڭ رايونىدىكى ئون نامزاتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

  ئەنىۋەر مەنسۇر

  ئەنىۋەر مەنسۇر بەش يىلدىن بېرى شەخسىي پىكاپى بىلەن ئاممىغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىپ، ‹‹يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭچە شوپۇر›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

  جاڭ جۇتاڭ

  70 ياشتىن ئاشقان داڭلىق خەتتات، ساخاۋەتچى جاڭ جۇتاڭنىڭ كۆپ يىلدىن بېرى ئىئانە قىلغان پۇلى، ھۆسنخەت ۋە رەسىملىرىنىڭ قىممىتى 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان، ئۇ ئىئانە قىلغان پۇللارنىڭ ھەممىسى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت – سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇش شۇنىڭدەك جامائەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلدى. ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ‹‹كۈنەس ناھىيەسى جاڭ جۇتاڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش فوندى››، ‹‹ئاۋات ناھىيەسى جاڭ جۇتاڭ مەدەنىيەت – سەنئەت تەرەققىيات فوندى››، ‹‹كەلپىن ناھىيەسى جاڭ جۇتاڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلار بىلەن ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش فوندى››، ‹‹قۇمۇل شەھىرى گەنتاڭ (ساخاۋەتچى چېن فېڭگەن بىلەن جاڭ جۇتاڭ) مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش فوندى›› قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە