باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن بىلەن ياپونىيەنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبىتى كېلەر ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2012.11.30 14:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن بىلەن ياپونىيە 5–، 6–دېكابىر بېيجىڭدا ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىكەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى 15–، 16–نويابىر موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئولانباتۇردا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، 5–، 6–دېكابىر بېيجىڭدا سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

  ياپونىيە تاراتقۇسىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، كېلەر ئايدىكى بېيجىڭدىكى سۆھبەتكە ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى ئاسىيا – ئوكيانىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، چاۋشيەن چاۋشيەن – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش سۆھبىتى ئالاھىدە ئەلچىسى قاتنىشىدىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ مۇشۇ ئايدا ئولانباتۇردا مەخپىي كۆرۈشكەن، سۆھبەت جەريانى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلانمىغان.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە