باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىستۇدېنتلار نېمىشقا مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىشكە ئامراق؟(1)

2012.11.30 14:31        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار مەمۇرىي خادىم بولۇشنى خالىسا ، مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشتا چوقۇم ئاكتىپ رول ئوينايدۇ . ئەمما جامائەت ئومۇميۈزلۈك ھالدا دۆلەت ئورگانلىرىغا قىستىلىپ بولسىمۇ كىرىۋېلىشنى ئەڭ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى دەپ قارايدىغان بولسا ، بۇنى چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك .

  25-نويابىر ، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھان مەيدانىغا يىغىلغان كىشىلەر توپى يەنە بىر قېتىم جەمئىيەتتە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى . بۇ يىل ئىمتىھان بېرىشكە قاتناشقان ئادەم سانى 1 مىليون 120 مىڭ نەپەرگە يەتتى . قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ نىسبىتى 53:1 بولىدى . بەزى نۇقتىلىق ئورۇنلارغا بىر قانچەم مىڭ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئىمتىھام بەرگەن ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرمۇ كۆپەيدى . مەمۇرلۇققا قىزىقىشنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ئالىي مەكتەپلەردىن قوبۇل قىلىشنى كېڭەيتىش، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئوبيېكتىپ ئاساستىن ئايرىلمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە مەمۇرىي خادىم بولۇشنى ‹‹ چوڭ بىلىش ›› ى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك .

  ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ، كىشىلەرنىڭ كەسىپ تاللاش قارىشىدا گەرچە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ ، ئەمما جەمئىيەتتە ‹‹ ئەمەلدار بولۇش ›› ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي يەنىلا كۈچلۈك . ‹‹ ئەلاچىلارنى تاللاش ›› ئىدىيەسى يەنىلا بازار تاپقان بولۇپ ، ئىمتىھان بېرىپ تۈزۈلمە ئىچىگە كىرىپ ، مەمۇرىي خادىم بولۇش شۈبھىسىزكى، ئەڭ ئاساسلىق باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تۈزۈلمە سىرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ‹‹ كۆلبە ›› ، ‹‹ چۈمۈلە جەمەتى ›› ، چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلار ، پۇقراۋى كارخانىلار كەسكىن بازار رىقابىتىدە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ‹‹خادىم قىسقارتىش ››، ‹‹ مائاشنى ئازايتىۋېتىش ›› قاتارلىق ھەرىكەتلەر تۇرمۇشتىكى مۇقىمسىزلىق ھېسابلىنىدۇ . مەمۇرلۇق سىرتىدىن قارىغاندا پارقىراپ تۇرىدىغان ، مۇقىمچانلىقى كۈچلۈك ، ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى ، پاراۋانلىق تەمىناتى ياخشى بولغاچقا تەبىئىي ھالدا توسۇشقا بولمايدىغان زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ كۆرۈنىدۇ .

  بىر قانچە ئون يىل جاپا تارتىش ، تۈزۈلمە ئىچىدە بىر يۈرۈش ئۆيگە ئىگە بولۇشقا يەتمەيدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىقتىساد كۆپ يىل سىجىل ، يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشتىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كىرىمى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشمىدى . ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق خىلمۇ خىل ئامىللار تۈپەيلىدىن كىرىمى تۆۋەنلەپ كېتىشى ، خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ، ياشانغاندا ، كېسەل بولۇپ قالغاندا كۈتۈنۈشىدىن ئەنسىرەش قاتارلىقلار پۇقرالار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ قالدى . بارغانسېرى كۆپلىگەن ئىستۇدېنتلار يالغۇز مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىشكە قىزىقىپلا قالماستىن ، باشقا كەسىپلەرنى تاللىغاندا ئومۇميۈزلۈك ھالدا خىزمەتنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۆزىنىڭ كەسپى ، ئىقتىدارى ، قىزىقىشىنىڭ خىزمەت بىلەن بولغان ماسلىشىشى ھەمدە خىزمەت سىجىللىقى ، خىزمەت مۇھىتى ، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت قاتارلىق باشقا يۇمشاق ئامىللارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىدى .
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە