باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ پىكىر–تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى(1)

2012.11.30 14:22        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقنىڭ ئەقىل–پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاش كېرەك

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 28–نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىغا كېلىپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم ئۇلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 26–نويابىر ئۆگىنىش قىلغاندا جاڭ چۈنشيەن: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، دېگەن ھەم شىنجاڭ ھازىر قانداق خەۋپ–خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى؟ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، قانداق يېڭى ئىدىيە، تەپەككۇر، تەجرىبە، تەدبىر ۋە ساۋاقلار بولدى؟ بۇنى داۋاملىق ئەستايىدىل يەكۈنلەش كېرەك. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئۆز ئىش تەقسىماتىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا قانداق يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئانالىز قىلىپ، تەپەككۇر ۋە تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانداق قىلغاندا ئالتە تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش، يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىغىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

  يىغىندا ئەسقەت كەرىمباي، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، قېزايجان سېيلىخوجا، ئايۇپ تېيىپ، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ھۆرىيەت جاپپارلار ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئەھۋالى ۋە ئۈچ مۇھاكىمە سوئالىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى، ئويلىغانلىرىنى ۋە تونۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە