- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
قولمۇ-قول تۇتۇشۇپ، ئۇلۇغ «جۇڭگو نىشانى»نى ئەمەلگە ئاشۇرايلى
2012.11.30 16:32 مەنبە: خەلق تورى
جايلاردىكى كادىر-ئامما يېڭى نۆۋەتلىك سىياسىي بىيۇرو دائىمىي ئەزالىرىنىڭ «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمىسىنى كۆرگەنلىكىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى.
10 نەچچە كۈن ئاۋۋال چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ ناھىيەسىنىڭ جيېگۇ بازىرىدا، جياڭ يۇڭ ئائىلىسى چىدىردىن ئايرىلىپ، ھويلا-ئاراملىق يېڭى ئۆيىگە كۆچۈپ كىرگەنىدى. 11-ئاينىڭ 29-كۈنى جياڭ يۇڭ تېلېۋىزورنى كۆرگەندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى كەلگۈسىدىكى يېڭىچە تۇرمۇشىمىزغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى، كوممۇنىستىك پارتىيە كۆرسەتكەن يولغا ماڭساق، تۇرمۇشىمىز كۈندىن كۈنگە باياشات بولىدۇ» دېدى. 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، يېڭى نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمى ئەزالىرىنىڭ «گۈللىنىش يولى» چوڭ كۆرگەزمىسىنى كۆرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر مەملىكەتنىڭ ھەممە يىرىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.
كەڭ كادىر-ئامما بىردەك، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، مىللەتلەرنىڭ ئېتىقادىمىزنى، زىممىمىزدىكى بۇرچىمىزنى ھەرۋاقىت مەھكەم ئەستە تۇتۇپ، 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك، دەيدىغان ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەم قىلىنغان، دېيىشتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە