باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۇنجى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بالىلارنى داۋالاش، تەربىيەلەش مەركىزى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى

2012.11.30 14:23        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدىكى تۇنجى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بالىلارنى داۋالاش، تەربىيەلەش مەركىزى 27–نويابىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1–دوختۇرخانىدا قۇرۇلدى. بۇ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز داۋالىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تېببىي داۋالاش قوشۇنىنى كەسپىي جەھەتتىن سىستېمىلىق تەربىيەلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  مەركەزنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخون، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو بالىلار، ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى جاۋ دۇڭخۇا قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى. ئۇقۇشىمىزچە، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بالىلارنى داۋالاش، تەربىيەلەش مەركىزى جۇڭگو بالىلار، ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى بىلەن ‹‹گۇچى›› سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەركەز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ئاممىۋى خاراكتېرلىك كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بالىلارنى داۋالاش، تەربىيەلەش مەركىزى ھېسابلىنىدىكەن. كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق بالىلاردا كۆپ كۆرۈلۈدىغان بىر خىل كېسەل بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ھېسابلىنىدىكەن. نامرات رايونلاردىكى بالىلاردا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولىدىكەن. جۇڭگو بالىلار فوندى جەمئىيىتى يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، 2002– يىل 6–ئاينىڭ 6–كۈنى ‹‹مەملىكەتلىك كۆز ئاسراش كۈنى›› دە جۇڭگو بالىلار، ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى ‹‹كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلار مەخسۇس فوندى››نى تەسىس قىلغان، شۇنىڭدىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى مېھىر–شەپقەت يەتكۈزۈۋاتقان ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ قوللىشى بىلەن 25 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر 4000 ئۆسمۈر ھەقسىز داۋالىنىشتىن بەھرىمەن بولغان.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە