باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇبارەك مىسىر مالىمانچىلىقىغا ئاھ ئۇردى(1)

بالدۇرلا مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم

2012.11.30 17:22        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-نويابىر مىسىر ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي تەۋرىنىش ئىچىدە تۇردى. نەچچە ئون مىڭ نامايىشچى قاھىرە ئازاتلىق مەيدانىغا جەم بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكىنىڭ باش ئەلچىخانىسىغا ئانچە يىراق بولمىغان بولىۋار مەيدانىغا قىستاپ باردى، شۇ جايدىكى تاراتقۇلار ئۇ يەرنى «ئۇرۇش مەيدانى بىلەن پەرقى يوق» دەپ تەسۋىرلىدى. پرېزىدېنت مۇرسى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى كېچىلەپ چاقىرتىپ ۋەزىيەتنى تىنچلاندۇرۇش سىياسەتلىرىنى پىلانلىدى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك بايانات جاكارلىنىپ، «ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش» كە چەكلىمە قويۇلۇشى مۈمكىنكەن. مىسىرنىڭ نۆۋەتتىكى مالىمانچىلىقىدىن ھەتتا مۈشكۈل ئەھۋالغا قالغان مۇبارەكمۇ ئاھ ئۇرۇپ: مەن بالدۇرلا مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، ھازىر مىسىر مالىمانچىلىققا پېتىپ قالدى، دېدى.

  شۇ جاي ۋاقتى 28-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، مىسىر زۇڭلىسى گەندېل ھۆكۈمەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تىنچلاندۇرۇش ھەققىدىكى سىياسەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. 27-نويابىر، مۇرسى كېچىلەپ زۇڭلى گەندېل، ئىچكى ئىسلار مىنىستىرى جەلىل ۋە بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرىنى چاقىرتىپ جىددىي يىغىن ئاچتى. 27-نويابىر كەچتە، مىسىر پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاختاۋېي مۇرسى «ئاساسىي قانۇن باياناتى» مەسىلىسىدە ھېچقانداق يول قويمايدۇ دەپ جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلىپ مۇئاۋىن پرېزىدېنت مەھمۇدنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلدى. مىسىردا چىقىدىغان «جۇمھۇرىيەتچىلەر گېزىتى»نىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: گەرچە مۇرسىنىڭ پوزىتسىيىسى قاتتىق بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلار بىلەن بولغان شەخسى ئۇچرىشىشى ۋە سۆھبىتى باشلاندى. «سۆھبەتلىشىش كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى».

  خەۋەرگە قارىغاندا، مۇرسى بىر چۈشەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى بايانات ئېلان قىلىشى مۈمكىنكەن، يەنى باياناتتا پرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەپ، ئۆكتىچى گۇرۇھقا بوشلۇق قالدۇرىدىكەن. بىراق، جامائەتچىلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئاسانلا يول بېرىشىدىن ئانچە ئۈمىد كۈتمىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «تۇرمۇش گېزىتى»دە 28-نويابىر مۇنداق دېيىلدى: مىسىرنىڭ پرېزىدېنتى بىلەن ئەدلىيە ساھەسىدىكىلەر ئۆز كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا يول بېرىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن چەكلىك. مىسىر ئەرزىيەت سوتى 28-نويابىر مۇرسى ئاساسى قانۇن باياناتىنى بىكار قىلمىغىچە، ئىش تاشلايمىز دەپ جاكارلىدى. «ئوتتۇرا شەرق لىنىيەسى تور بېكىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر قاتمالىق ئوڭشالمىسا، قىسىم يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارىلىشىشى مۇمكىن ، ھەتتا يەنە بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە