باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(6)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-باب پارتىيە ئەزالىرى

  1-ماددا

  يېشى 18 گە تولغان جۇڭگو ئىشچىلىرى، دېھقانلىرى، ھەربىيلىرى، زىيالىيلىرىدىن ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەبىقىلەردىكى ئىلغارلاردىن پارتىيەنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ بىرەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىشنى ھەمدە ئۇنىڭدا ئاكتىپ ئىشلەش، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ۋاقتى-قەرەلىدە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇشنى خالايدىغانلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.2--ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كوممۇنىستىك ئاڭغا ئىگە ئاۋانگارت جەڭچىسىدۇر.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى قۇربان بېرىشتىن باش تارتماي، كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشى شەرت.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى مەڭگۈ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئاددىي بىر ئەزاسىدۇر. كومپارتىيەنىڭ بارلىق ئەزالىرى قانۇن ۋە سىياسەتتە بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى شەخسىي مەنپەئەت ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن باشقا ھەرقانداق خۇسۇسىي مەنپەئەت ۋە ئىمتىيازنى كۆزلىمەسلىكى كېرەك.

  3-ماددا پارتىيە ئەزالىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى شەرت:

  (1)ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت ۋە قارارلىرىنى، پارتىيەگە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى، پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى، قانۇن ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش.

  (2)پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىش، ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رول ئويناش.

  (3) قەتئىي ئېغىشماي پارتىيە ۋە خەلق مە

  نپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش، شەخسىي مەنپەئەتنى پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئىتىگە بويسۇندۇرۇش، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە ئارقىدا تۇرۇش، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، كۆپ تۆھپە قوشۇش.

  (4)پارتىيە ئىنتىزامىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى قاتتىق ساقلاش، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش، تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا بويسۇنۇش، پارتىيەنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئاكتىپ ئورۇنداش.

  (5) پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيەگە سادىق-سەمىمىي بولۇش، سۆز-ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش، بارلىق مەزھەپچىلىك تەشكىلاتلىرىغا ۋە گۇرۇھۋازلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىلىك قىلمىشلىرىغا ۋە بارلىق سۇيىقەست، ھىيلە-مىكىرلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش.

  (6) تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇش، خىزمەتتىكى كەمچىلىك ۋە خاتالىقلارنى دادىل ئېچىپ تاشلاش ھەم تۈزىتىش، پاسسىپلىق، چىرىكلىككە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش.

  (7) ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش، ئاممىغا پارتىيەنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئامما بىلەن بامەسلىھەت ئىش قىلىش، ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى پارتىيەگە ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش، ئاممىنىڭ ھەققانىي مەنپەئىتىنى قوغداش.

  (8) سوتسىيالىستىك يېڭى كەيپىياتنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك شەرەپ-نومۇس قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، كوممۇنىستىك ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىش، دۆلەتنىڭ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، بارلىق قىيىن ۋە خەتەرلىك پەيتلەردە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق.

  4-ماددا پارتىيە ئەزالىرى تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:1) پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ، پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنى كۆرىدۇ، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە تەلىمىنى ئالىدۇ.

  1) پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە پارتىيە يىغىنلىرىدا ۋە پارتىيەنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىگە قاتنىشىدۇ.

  3) پارتىيە خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  4) پارتىيە يىغىنلىرىدا پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتىنى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنى پاكىت كۆرسىتىپ تەنقىد قىلىدۇ، پارتىيە ئالدىدا پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ ئىشلىرىنى جاۋابكارلىق بىلەن پاش قىلىدۇ، ئاشكارىلايدۇ، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىدۇ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان كادىرلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  5) ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  6) پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىپ قاراردىن ئۆتكۈزۈش ياكى ئۇلارنى باھالاش ۋاقتىدا، پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆزى قاتنىشىشقا ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا ھوقۇقلۇق، پارتىيەنىڭ باشقا ئەزالىرى ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرسە ۋە ئۇنى ئاقلىسا بولىدۇ.

  7) پارتىيەنىڭ قارارى ۋە سىياسىتىگە باشقىچە پىكرى بولسا، قارار ۋە سىياسەتنى قەتئىي ئىجرا قىلىش شەرتى ئاستىدا، ئۆز پىكرىدە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە بولىدۇ ھەمدە ئۆز پىكرىنى پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىغا، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتقا سۇنسا بولىدۇ.

  8) پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىغا، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتقا ئىلتىماس، ئەرز ۋە شىكايەت سۇنالايدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلالايدۇ. پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتىنىڭ، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى يۇقىرىدىكى ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلىشقا ھەققى يوق.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە