باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(4)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئىچكى-تاشقى ئومۇمىيلىقنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، تاشقى مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىپ پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىدۇ. خەلقئارا ئىشلاردا دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدۇ، ئىنسانلار تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، ئۇزاق تىنچ بولىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولىدۇ. بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق-دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، پۈتۈنلەي باراۋەر بولۇش، بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى بويىچە، پارتىيەمىزنىڭ ھەرقايسى ئەل كومپارتىيەلىرى ۋە باشقا پارتىيەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش-پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۇك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى شەرت. ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چىرىتىشنى رەت قىلىش-ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىشچان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قۇرۇشى، پارتىيەمىزنى باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان كۈچلۈك يادرو قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىدا تۆۋەندىكى تۆت ئاساسىي تەلەپنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت:

  بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ئارقىلىق ئىدىيەنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ھەم ئۇنىڭدا قىلچە ئېغىشماستىن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي پىروگراممىسىنى ئەتراپلىق ئىجرا قىلىپ، بارلىق «سول» چىل ۋە ئوڭچىل خاتا خاھىشلارغا قارشى تۇرۇش، ئوڭچىللىقتىن ھوشيار بولۇش، لېكىن ئاساسلىقى «سول» چىللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا، نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ۋە ئامما ئىشىنىدىغان كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ ۋە ئىشقا قويۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مىليونلىغان ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىلىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنى—ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەت داۋامىدا سىناش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. پۈتۈن پارتىيە مۇشۇ ئىدىيەۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پائال ئىزدىنىپ، دادىل سىناق قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتنى ئىجادكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، ماركسىزمنى ئەمەلىيەت داۋامىدا بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى شەرت.

  ئۈچىنچى، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ مەنپەئەتىدىن باشقا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق. پارتىيە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، خەلققە رىشتە باغلاش، خەلق مەنپەئەتىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا، ئۆزىنى ئاممىدىن ئۈستۈن قويۇشىغا يول قويمايدۇ. پارتىيە ئۆز خىزمىتىدە ئاممىۋى لۇشيەننى يولغا قويۇپ، ھەممىدە ئاممىنى كۆزدە تۇتۇشى، ھەممىدە ئاممىغا تايىنىشى، ئاممىدىن ئېلىپ ئاممىغا قايتۇرۇشى، پارتىيەنىڭ توغرا تەشەببۇسلىرىنى ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ زور سىياسىي ئۈستۈنلۈكى—ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش، پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپ—ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە