باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(3)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ. سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىدۇ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش يولىنى تۇتىدۇ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىدىيىۋى كاپالەت، مەنىۋى تۈرتكە ۋە ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتلىك كۈچلۈك دۆلەت قۇرىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ماركسىزم يېتەكچى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى تۇرغۇزۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش-يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ، سوتسىيالىستىك شەرەپ-نومۇس قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، مىللىي غۇرۇرنى ساقلاش، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى كۈچەيتىدۇ، كاپىتالىزم ۋە فېئودالىزمنىڭ چىرىك ئىدىيەلىرىنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرۇپ، خىلمۇ خىل ئىجتىمائىي رەزىللىكنى تازىلاپ، خەلقىمىزنى غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك ۋە ئىنتىزامچان خەلققە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. پارتىيە ئەزالىرىغا كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايە توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ. مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىدۇ، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ. دېموكراتىيە-قانۇن ئىدارە قىلىش، ئادىل-ھەققانىي بولۇش، سەمىمىي-دوستانە بولۇش، ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇش، تىنچ-تەرتىپلىك بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ۋە ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئومۇمىي خەلق قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، ھەركىم ئۆز ئورنىنى تاپىدىغان ھەم ئىناق ئۆتىدىغان ھالەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىدۇ. جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىدۇ. دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان بۇ ئىككى خىل زىددىيەتنى قاتتىق پەرقلەندۈرىدۇ ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە ۋە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيىلىكى ئورنىتىدۇ. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، تەبىئەتكە بوي سۇنىدىغان، تەبىئەتنى قوغدايدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشى تۇرغۇزۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىتنى قوغدايدىغان تۇپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، تېجەشچانلىقنى، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىدىغان فاڭجېندا چىڭ تۇرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشاد بولغان ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىيلىك تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ. بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىتنى قوغدايدىغان بوشلۇق قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە ۋە باشقا خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەننى قوغداش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش داۋامىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ھەم راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى پائال يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۆھپە قوشىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچىلىرى، دېھقانلىرى ۋە زىيالىيلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، ھەر مىللەت ۋەتەنپەرۋەر كۈچلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەركىب تاپقان ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە زورايتىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى بويىچە، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىپ ھەم مۇقىم بولۇپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئورۇندايدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە