باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران: ھۇجۇمغا ئۇچرىساق يادرو قوراللىرى شەرتنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىمىز

2012.12.03 16:35        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى(IAEA)دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سۇلتان(Soltaniy)ر30-نويابىر خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا، ئەگەر ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرى ھەربىي ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئېران «يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»دىن چىكىنىپ چىقىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

  سۇلتان سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ئەگەر ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئىران تاجاۋۇزچىلارغا ئەجەللىك زەربە بىرىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ھۆكۈمەت يادرو ئەسلىھەلىرىنى تېخىمۇ بىخەتەر جايغا يۆتكەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئىران پارلامېنتى ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىپ، ئىراننى خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ، ھەتتاكى «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»دىن چىكىنىپ چىقىدۇ.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ھەربى ھۇجۇم ئىراننىڭ ئۇراننى قويۇقلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى توسۇپ قالالمايدۇ، چۈنكى ئىران قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننى ئايرىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ بولدى، مەركەزدىن قاچما قۇرۇلمىسى(Centrifuge)نىڭ بارلىق زاپچاسلىرىنى ياسىيالايدۇ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئالماشتۇرۇش ئىران ئۈچۈن تەس ئىش ئەمەس.

  ئۇ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: يادرو ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھەرقانداق ھۇجۇم ياكى ھۇجۇم قىلىش تەھدىتى خەلقئارالىق قانۇنلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىغا خىلاپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. ھالبۇكى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھەربى تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەيىپلىمەيۋاتىدۇ.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىرانغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەھدىت سالغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستېرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباماغا بىر قانچە قېتىم بېسىم ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو پىلانىغا «قىزىل سىزىق» بېكىتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر ئىران بۇ «سىزىق»تىن ھالقىپ كەتسىلا، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئۇنىڭغا ھەربى ھۇجۇم قوزغاپ، ئىراننىڭ يادرو قۇرالغا ئىگە بولۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەربى ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىران يادرو ئەسلىھەلىرىنى ناھايىتى ياخشى قوغدىغان، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قويۇق ئۇران زاۋۇتى تاغلىق رايۇنلاردىكى يەر ئاستىغا يۇشۇرۇنغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە بۇ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ئەجەللىك زەربە بىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس ئىكەن، سىرتقى ھەربى ھۇجۇم پەقەت ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى يولغا قويۇش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشقىلا پايدىسى بولىدىكەن.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە