- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
قازاقىستاندا يۇقاپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى سەككىز ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان
2012.12.03 14:49 مەنبە: خەلق تورى
قازاقىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 29-نويابىردىكى مەلۇماتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 24-نويابىر قازاقىستان چېگرىسىدا يۇقاپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاقىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئالمائاتا ئوبلاستىدا بايقالغان، ئايروپىلاندىكى 8 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.
مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، قۇتقۇزغۇچى خادىملار، ساقچىلار ۋە ھەربىيلەردىن تەشكىل تاپقان قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى 5 كۈنلۈك ئىزدەش ئارقىلىق 29-نويابىر ئالمائاتا ئوبلاستى ئالاكۆلدىن تەخمىنەن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قارلىق دالىدا تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى بايقىغان، ئايروپىلاندىكى 8 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان، ئايرۇپىلان ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ، پەقەت ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسىمىلا ساقلىنىپ قالغان.
ئالاقىدار تارماقلار ئايروپىلاننىڭ ھادىسىگە ئۇچراش سەۋەبىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە