- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
رۇسىيە پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىنى قوللىدى
2012.11.30 17:26
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بوگدانوف تۈنۈگۈن موسكۋادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباسقا يازغان بىر پارچە خېتىنى ئېلان قىلدى. خەتتە پۇتىن رۇسىيەنىڭ پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
پۇتىن خەتتە مۇنداق دېدى: مەن پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇشنىڭ «تامامەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋەزىپە» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، رۇسىيە پەلەستىنگە زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: سىياسىي ۋاسىتە ئارقىلىق پەلەستىن مەسىلىسىنى ئادىل ھەل قىلىش ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئومۇميۈزلۈك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم شەرتى.
پۇتىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىغا دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە ئالاقىدار تۆت تەرەپنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ئەڭ ئاخىردا ھەل قىلىشقا ئاۋۋالقىدەكلا تۈرتكە بولىدۇ.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە