باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋاملاش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2012.11.30 17:24        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:25-دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ 30-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدە ئەيدىز كېىسلى بىلەن يۇقۇملانغانلار، ئەيدىز كېسىلى سەۋەبىدىن يېتىم قالغان بالىلار، يوقلىغۇچىلار، تىببىي خادىملار، پەن-تەتقىقات خادىملىرى، پىدائىيلار ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: مەن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئون يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم يەرلىكتە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، ئەيدىز كېلىسگە گىرىپتار بولغانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ كەلدىم ھەمدە يەنە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزدۈم، ئەيدىز كېلسىگە گىرىپتار بولغانلار ۋە يېتىم بالىلارنى جۇڭنەنخەيگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدىم. بۇ قېتىم سۆھبەتكە قاتناشقان كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن ئىلگىرى كۆرۈشكەن ئىدىم ،بەزىلىرى ئۈزۈن يىللىق دوستلار . ۋېن جياۋ تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان يېتىم بالىلارنى، كېسەلنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان بىمارلارنى ۋە نامرات بىمارلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى كۆرگىنىمدە، مەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ئىلىپ كەلگەن زىيىنىنى، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ قانچىلىق زورلىقىنى ھېس قىلىمەن، ھەر قېتىم بىمارلارنىڭ داۋالىنىپ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگىنىنى كۆرگىنىمدە ئىنتايىن خۇشال بولىمەن. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا تۆھپە قوشقان مۇتەخەسىسىسىلەر، تىببىي خادىملار ۋە پىدائىيلارنىڭ ئىش ئورنىدا بوشاشماستىن تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ناھايىتى ئاپىرىن ئېيتىمەن. مەن ئەينى يىللاردا كۆرگەن ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بەزى كىشىلەر ئالەمدە ئۆتتى، ئۇلارنى ياد ئەتكىنىمىزدە بىزنىڭ خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە ياخىش ئىشلىشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلىمەن.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ۋېن جياباۋ يەنە كۆپچىلىك تونۇشتۇرغان ئەھۋاللار ۋە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ھەمدە كېيىنكى باسقۇچتىكى ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە