باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى سىياسىتى تەڭشەش ئەھۋالى: سوممىسى تېخىمۇ يۇقىرى، شەرتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇش تەرەققىيات يۆنىلىشى بولۇپ قالدى

2012.12.03 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بۇ يىلدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇن شەھەرلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى سىياسىتىنى تەڭشىدى. تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىش ۋە قەرز ئېلىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىش، ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىشلىتىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش ئاساسلىق يۆنىلىش بولۇپ قالدى. جايلارنىڭ سىياسەتنى بۇنداق تەڭشىشى مەملىكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولۇۋاتقان تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا چوڭ يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. مۇشۇ ئاساستا، ھەرقايسى تەرەپلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش قەدىمىنىڭ تېزرەك بولۇشىنى، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ ئادەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا تېخىمۇ ئوبدان مەدەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە