باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(11)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەركىزىي رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز رەھبەرلىرى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، كېلەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت يېڭى مەركىزىي رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز رەھبەرلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىچە پارتىيەنىڭ دائىملىق خىزمىتىگە داۋاملىق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

  23-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركىزىي كومىتېتنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئىشلەيدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش سىياسىي بۆلۈمى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسىي خىزمەت ئورگىنى، باش سىياسىي بۆلۈم ئارمىيەدىكى پارتىيە خىزمىتىنى ۋە سىياسىي خىزمەتنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. پارتىيەنىڭ ئارمىيەدىكى تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ۋە ئاپپاراتىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

   4- باب پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرى

  24-ماددا پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك قۇرۇلتايلىرى، رايونلۇق شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق قۇرۇلتايلىرى، ناھىيەلىك (خوشۇنلۇق)، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق قۇرۇلتايلىرى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنى پارتىيەنىڭ شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلىرى چاقىرىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، بىر دەرىجە يۇقىرى كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلسە ياكى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى ۋە سايلام چارىسىنى پارتىيەنىڭ شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلىرى بەلگىلەيدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. 25- ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى:

  1) ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛

  2) ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛

  3) ئۆز رايونى دائىرىسىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ۋە قارار چىقىرىش؛

  )4 پارتىيەنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كومىتېتىنى سايلاش، پارتىيەنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاش.

  26-ماددا پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايونلۇق شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. بۇ كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى بەش يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت.

  پارتىيەنىڭ ناھىيەلىك (خوشۇنلۇق)، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايون تەسىس قىلىنمىغان شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. بۇ كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلسە ياكى كېچىكتۈرۈلسە، ئۇ سايلاپ چىققان كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزگىرىدۇ.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ سانىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى كومىتېتلار ئايرىم-ئايرىم بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ئەزالىرىنىڭ بوش قالغان ئورنى كاندىدات ئەزالار ئىچىدىن سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋازنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ تەرتىپ بويىچە تولدۇرىدۇ.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ھەر يىلى كەم دېگەندە ئىككى قېتىم چاقىرىلىدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى قۇرۇلتاي ئېچىلمىغان مەزگىلدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يوليورۇقلىرىنى ۋە ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئۆز جايىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كومىتېتلىرىغا ئۆز خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات بېرىدۇ.

  27-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى، كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنلىرى ئارىلىقىدا كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ؛ كېلەر نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، يېڭى دائىمىي كومىتېت ۋۇجۇدقا كەلگىچە دائىملىق خىزمەتلەرگە داۋاملىق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات بېرىدۇ، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.28-ماددا پارتىيەنىڭ ۋىلايەتلىك كومىتېتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك كومىتېتقا تەڭ تەشكىلاتلىرى—پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ بىرنەچچە ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر دائىرىسىدە تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگىنى. ئۇ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتلار بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن، شۇ رايوننىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە