باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(9)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5) پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىدا كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە پارتىيە كومىتېتى كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم پىكىرلىشىش، يىغىندا قارار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىدۇ؛ كومىتېت تەركىبىدىكىلەر كوللېكتىپنىڭ قارارى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۆز بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى لازىم.

  6) پارتىيە شەخسكە چوقۇنۇشنىڭ ھەرقانداق شەكلىنى مەنئى قىلىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ نازارىتىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش كېرەك.

  11-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋە كومىتېتلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. سايلامدا يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ تولۇق كېڭىشىشىدىن ھەم مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. نامزاتلار سانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن كۆپ بولىدىغان ئارتۇق نامزاتلىق سايلام چارىسى بىۋاسىتە قوللىنىلىپ، رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ. ئاۋۋال ئارتۇق نامزاتلىق سايلام چارىسىنى قوللىنىپ، تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ. سايلىغۇچىلار نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە، نامزاتلارنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا، ھەرقانداق بىر نامزاتنى سايلىماسلىققا ۋە باشقىلارنى سايلاشقا ھوقۇقلۇق. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ سايلىغۇچىلارنى ھەرقانداق يول بىلەن مەلۇم بىر كىشىنى سايلاش ياكى سايلىماسلىققا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلىمىدا پارتىيە نىزامنامىسىگە خىلاپ ئەھۋاللار كۆرۈلسە، پارتىيەنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، سايلامنى ئىناۋەتسىز قىلىش ۋە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۇنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن رەسمىي ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلىشى لازىم.

  پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىگە قارىتا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

  12-ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى زۆرۈر تاپقاندا، ۋەكىللەر يىغىنى چاقىرىپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زور مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ. ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانىنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسىنى ۋەكىللەر يىغىنىنى چاقىرغۇچى كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

  13-ماددا يېڭى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشقا ياكى بۇرۇنقى پارتىيە تەشكىلاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا توغرا كەلسە، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى قارار قىلىشى شەرت.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى بىلەن ئاساسىي قاتلام قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئاچمىغان مەزگىلدە، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى زۆرۈر تاپسا، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى يۆتكىسە ياكى تەيىنلىسە بولىدۇ.

  پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ۋاكالەت ئاپاراتى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

  پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلىرىدا كۆزىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

  14-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئاپپاراتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى توغرىسىدا قارار چىقارغاندا ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى نورمال يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىكى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي ئاپپاراتلار ئارىلىشىۋالماسلىقى لازىم.

  15-ماددا مەملىكەت خاراكتېرلىك زور سىياسەت مەسىلىلەرگە قارار چىقىرىشقا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىلا ھوقۇقلۇق، ھەرقايسى تارماقلار ۋە جايلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە مەركىزىي كومىتېتقا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن ئۆز ئالدىغا قارار چىقارماسلىقى ۋە ئۆز تەشەببۇسىنى سىرتقا ئېلان قىلماسلىقى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى شەرت. ئەگەر تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ قارارىنى ئۆز رايونى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ ھېسابلىسا، ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئەگەر يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئەسلىدىكى قاراردا چىڭ تۇرسا، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۇنى ئىجرا قىلىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكرىنى ئاشكارا ئېلان قىلماسلىقى شەرت، لېكىن بۇ پىكرىنى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرى ۋە باشقا تەشۋىقات قوراللىرى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت ۋە قارارلىرىنى تەشۋىق قىلىشى شەرت.

  16-ماددا پارتىيە تەشكىلاتى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش، قارار چىقىرىشتا، ئازچىلىق كۆپچىلىككە بويسۇنۇش پىرىنسىپىنى ئىجرا قىلىشى شەرت. مۇھىم مەسىلىلەرنى قاراردىن ئۆتكۈزۈشتە، ئاۋازغا قويۇش كېرەك. ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ باشقىچە پىكىرلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش كېرەك. ئەگەر مۇھىم مەسىلىلەردە تالاش-تارتىش بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئادەم سانى تەڭلىشىپ قالسا، جىددىي ئەھۋال ئاستىدا كۆپ سانلىقنىڭ پىكرى بويىچە ئىجرا قىلىشتىن باشقا، قارار چىقىرىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، كېلەر قېتىمدا قايتا ئاۋازغا قويۇش لازىم؛ ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، تالاش-تارتىش ئەھۋالىنى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا مەلۇم قىلىپ، كېسىم قىلىش تەلەپ قىلىنسىمۇ بولىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە