باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە شىركەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشى ئىككى دۆلەتكە زىيانلىق

2012.12.03 16:38        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رىيابكوف 1-دېكابىر تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئېكسپورت شىركىتىنىڭ تىجارىتىنى مەنئىي قىلىش قارارى كۈچكە بولسا، بۇ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، دېدى.

  رىيابكوفنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى يېقىندا ماقۇللىغان بۇ قارار ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى كۆرسىتىدىكەن، ھازىر بۇ قارار تېخى كۈچكە ئىگە بولمىغان.

  ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ماقۇللىغان تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە ئاساسەن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئېكىسپورت شىركىتى بىلەن بولغان تىجارىتى مەنئىي قىلىنىدۇ، بۇ رۇسىيەدىن ئافغانىستان ئۈچۈن تىك ئۇچار سېتىۋېلىشنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە