باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(10)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئېلان قىلماقچى بولغان مۇھىم تەشەببۇسى پارتىيە تەشكىلاتى بەلگىلىگەن دائىرىدىن چىقىپ كېتىدىغان بولسا، ئۇنى ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشىگە سونۇشى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىدىن يوليورۇق سورىشى شەرت. ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسى ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزى قارار چىقارسا بولمايدۇ؛ جىددىي ئەھۋال بولۇپ قېلىپ، ئۆزى قارار چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، قارار چىقارغاندىن كېيىن پارتىيە تەشكىلاتىغا تېز مەلۇم قىلىشى كېرەك. ھەرقانداق رەھبەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشىغا ۋە ئۆزىنى تەشكىلدىن ئۈستۈن قويۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

  17-ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتلىرى، يەرلىك تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى، تەلىم-تەربىيە خىزمىتى، تەشكىلات خىزمىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى، ئاممىۋى خىزمىتى، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ۋە باشقا خىزمەتلىرىنى دائىم مۇھاكىمە قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  3-باب پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتلىرى

  18-ماددا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنى مەركىزىي كومىتېت چاقىرىدۇ. مەركىزىي كومىتېت زۆرۈر تاپسا ياكى پارتىيەنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇقى تەلەپ قىلسا، مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينى مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولمىسا، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

  مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى ۋە سايلام چارىسىنى مەركىزىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

  19-ماددا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى:

  1)مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛

  2)مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛

  3) پارتىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قاراردىن ئۆتكۈزۈش؛

  4) پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛

  5) مەركىزىي كومىتېتنى سايلاش؛

  6) مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاش.20-ماددا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى: مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە قاراردىن ئۆتكۈزۈش؛ مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى تەڭشەش ۋە كۆپەيتىپ سايلاش. مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەڭشىلىدىغان ۋە كۆپەيتىپ سايلىنىدىغان ئەزالىرىنىڭ ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ سانى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا سايلانغان مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي كاندىدات ئەزا سانىنىڭ بەشتىن بىرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  21-ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلسە ياكى كېچىكتۈرۈلسە، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى بەش يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ سانىنى مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي بەلگىلەيدۇ. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ بوش قالغان ئورنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى ئىچىدىن سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىغا قاراپ تەرتىپ بويىچە تولدۇرۇلىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى تەرىپىدىن چاقىرىلىدۇ، ھەر يىلى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينىڭ يېپىق مەزگىلىدە مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، تاشقى مۇناسىۋەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  22-ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى سايلايدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدىن ۋۇجۇدقا كېلىشى شەرت.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلمىغان مەزگىلدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى—مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتى كۆرسىتىدۇ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ماقۇللايدۇ.

  مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

  پارتىيە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنى مەركىزىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە