باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(13)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  32- ماددا پارتىيەنىڭ مەھەللە، يېزا، بازارلىق ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرى ۋە كەنت، مەھەللە تەشكىلاتلىرى ئۆز رايونىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەمۇرىي تەشكىلاتلارنىڭ، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كوللېكتىپ كارخانىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سىياسىي يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتنى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، ئىگىلىك باشقۇرۇشىنى دەۋر قىلىپ قانات يايدۇرىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ شۇ كارخانىلاردا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ پايچىكلار يىغىنى، مۇدىرىيەت، نازارەتچىلىك ھەيئىتى ۋە دىرېكتور (زاۋۇت باشلىقى)نىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ؛ جاندىل بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا تايىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ؛ كارخانىنىڭ چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە تەدبىر بەلگىلىشىگە قاتنىشىدۇ؛ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتكە، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، پارتىيەنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، كارخانىلارنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  پارتىيەنىڭ مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سىياسىي يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. پارتىيەنىڭ پارتكوم رەھبەرلىكىدە مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدا چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەمۇرىي رەھبەرنىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى مەمۇرىي مەسئۇللارنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا، خىزمەتنى ياخشىلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ، مەمۇرىي مەسئۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ئۈستىدى نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ئۆز ئورنىنىڭ كەسپىي خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلمايدۇ.

  6-باب پارتىيە كادىرلىرى

  33-ماددا پارتىيە كادىرلىرى— پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تايانچ كۈچى، خەلقنىڭ خىزمەتكارى. پارتىيە كادىرلارنى ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپى بويىچە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ، ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويۇشقا قارشى تۇرىدۇ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىشى، ياشلاشتۇرۇلۇشى، زىيالىيلىشىشى ۋە ئىختىساسلىقلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  پارتىيە كادىرلارنى تەربىيەلەشكە، يېتىشتۈرۈشكە، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە، باھالاشقا ۋە نازارەت قىلىشقا، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  پارتىيە ئايال كادىرلارنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

  34-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇشۇ نىزامنامىنىڭ 3-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

  1)ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇش، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل بىلەن تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا تىرىشىش، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەر خىل بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش.

  2) كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايىگە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك چىڭ ئېتىقادقا ئىگە بولۇش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشكە ئىرادە باغلاش، ئۆزىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا بېغىشلاش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش.

  3) قەتئىي ئېغىشماي ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پارتىيەنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئۆز رايونىنىڭ، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، خىزمەتنى تازا ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىش، شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇش.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە