باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(1)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2012-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ماقۇللاندى)

  ئومۇمىي پىروگرامما

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى—جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، ئۇ جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى—كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ قىبلىنەماسى قىلىدۇ.

  ماركسىزم-لېنىنىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى توغرا بولۇپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىنتىلگەن كوممۇنىستىك ئالىي غايىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت تولۇق راۋاجلانغان ۋە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئاساستىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى—ئۇزاق بىر تارىخىي جەريان. ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىغان، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا باب كېلىدىغان يولغا ماڭغاندا، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  يولداش ماۋ زېدۇڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى− ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەتبىق قىلىنىشى ۋە راۋاجى، جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان توغرا نەزەرىيەۋى پىرىنسىپى ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمغا قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەشلەر ئارقىلىق، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى؛ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىپ، يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈش جەريانىنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سوتسىيالىستىك سىياسەت ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇردى.

  11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش دېڭ شياۋپىڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولىنى تۇتۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى پەيدىن-پەي شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگودا سوتسىيالىزمنى قۇرۇش، مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى شەرھلەپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلدى. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى—ماركسىزم-لېنىنىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنىڭ ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا يېتەكلەيدۇ.

  13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش جياڭ زېمىننى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىدە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش ۋە قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى — ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، ھازىرقى دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئۇ-پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئېلىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك نەزەرىيەۋى قورالى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشى شەرت قىلىنغان يېتەكچى ئىدىيەسى. باشتىن-ئاخىر «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» نى ئەمەلىيەتتە كۆرستىش-پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نېگىزى، كۈچ-قۇۋۋەت مەنبەسى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە