باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(2)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش خۇجىنتاۋنى ئاساس قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق تەرەققىياتنى، قانداق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور مەسىلىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشتەك ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ھەم ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن تومۇرداش بولغان ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، ماركسىزمنىڭ تەرەققىياتقا ئائىت دۇنيا قارىشى ۋە ئۇسۇلىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، ماركسىزمنى جۇڭگولاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇلىدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان يېتەكچى ئىدىيە.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەبنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىمىزگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورناتقانلىقىمىزغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيەمىز مىڭ بىر جاپادا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بۇ يول، بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىنى ۋە بۇ تۈزۈمنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى، ئۇنىڭدا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىنى ئورۇنداش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  دۆلىتىمىز ھازىر سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە بۇ باسقۇچتا ئۇزاققىچە تۇرىدۇ. بۇ-ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان جۇڭگودا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان تارىخىي باسقۇچ، ئۇنىڭغا 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش شەرت. ھازىرقى باسقۇچتا، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت-خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. ئىچكى ئامىل ۋە خەلقئارا تەسىر تۈپەيلىدىن سىنىپىي كۈرەش يەنىلا مەلۇم دائىرىدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەلۇم شارائىتتا كەسكىنلىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن ئۇ ئاساسىي زىددىيەت بولۇشتىن قالدى. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىمىزنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى — ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە شۇ يولدا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا لايىقلاشمىغان تەرەپلىرى ۋە ھالقىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبلىرى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىر قىسىم رايونلار ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاۋۋال بېيىشىغا ئىلھام بېرىپ، نامراتلىقنى پەيدىنپەي يوقىتىپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا يېتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي بايلىقنى كۆپەيتىش ئاساسىدا خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  تەرەققىيات-پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش-دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. تۈرلۈك خىزمەتلەردە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشنى ئومۇمىي باشلىنىش نۇقتىسى ۋە سىناش ئۆلچىمى قىلىپ، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىش، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىدىغان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش تېز ئالغا سىلجىيدىغان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى بويىچە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانى—دەسلەپكى قەدەمدە يەتكەن ھاللىق سەۋىيەنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئاھالىگە مەنپەئەت تېگىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش؛ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارىنى ئوتتۇراھال تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنى—پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپالىق ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، باشقا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇشۇ مەركەزگە بويسۇندۇرۇشى ۋە خىزمەت قىلدۇرۇشى شەرت. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولغان پەن-تېخنىكىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ—دۆلەت قۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، بۇرژۇئازىيەچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش شەرت.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش—دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز، سوتسىيالىزمنى، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويىدىغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى تۈپتىن ئىسلاھ قىلىش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ شۇنىڭغا يارىشا، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئەينەك قىلىش كېرەك. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا دادىل ئىزدىنىش، باتۇرلۇق بىلەن يول تېپىش، ئىسلاھاتتا تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرۈش، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى يول ئېچىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىدۇ، ئۇنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدۇ. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇكەممەل ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شەھەر-يېزا تەرەققىياتى، رايونلار تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەيدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ. سانائەتلەشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، يېزا-ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرىدۇ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرىدۇ، جۇڭگوچە يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىغا ماڭىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى كېڭەيتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرىدۇ، خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىش تۈزۈمىدە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئىقتىسادىي ئىشلارنى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. پىكىرگە كەڭ يول ئېچىپ، دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە تەرتىپىنى ئورنىتىدۇ ھەم مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەملەشتۈرىدۇ، قانۇننى يولغا قويۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قانۇنچىلىق يولىغا سالىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە