باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ دۇنيا ئەيدىز كۈنىگە ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى(1)

2012.12.03 16:51        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-قېتىملىق ئەيدىز كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ فېڭتەي رايونى پۇخۇاڭيۈ مەھەللىسى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ شىليۇيۈەن شۆبىسىدىكى بېيجىڭ شەھىرى مەھەللىدە دورا بىلەن داۋالاش 7-ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ، ئەيدىز بىمارلىرىنى يوقلىدى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش پىدائىيلىرىنى تەربىيەلەش بويىچە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەيدىز كېسىلى ئانچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، ئەيدىز كېسىلىگە بولغان ئۇقۇمنىڭ كەمچىللىكى ۋە بىرتەرەپلىمە قاراش، ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش بەكرەك قورقۇنچلۇق. ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇمۇملانغۇچىلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، پۈتۈن جەمئىيەت ئۇلارغا مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈشى كېرەك.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 يېرىمدا، شى جىنپىڭ 7-ئامبۇلاتورىيەگە كىردى. ئۇ زالغا كىرىشىگە، پىدائىيلار ئۇنىڭغا مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بەلگىسى بولغان قىزىل لېنتىنى تاقاپ قويدى. مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جىجۈن بۇ ئامبۇلاتورىيەنىڭ كېسەل خەۋپى بار كىشىلەرنى دورا بىلەن داۋالاش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كېسەل خەۋپى بار كىشىلەرنى دورا بىلەن داۋالاش ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، ئۇلارنىڭ روھى ھالىتىنى چۈشۈنۈپ، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى قوغداپ، ئۇلارنى تەشۋىشتىن خالىي قىلىپ، پائال ماسلىشىش ۋە داۋالىنىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  پىسخىكا مەسلىھەت ئۆيىدە، پىسخىكا مەسلىھەتچىسى شۈ خۇيلىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى سۈن ئەپەندى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ پىسخىكا مەسلىھەت ئۆيىگە كىرىپ، بۇ كىشى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش بەختسىزلىك، سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىدە پارتىيە، ھۆكۈمەت، پۈتۈن جەمئىيەت ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھازىر پەن-تېخنىكا ناھايىتى تەرەققىي قىلدى، ئىلمىي ئۇسۇلدا دورا ئىشلەتكەندە، نۇرغۇن بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە